ۋېلىسىپىت مىنىشنى توغرا ئىشلىتىش سالامەتلىكىڭىزگە پايدىلىق. ئىسپانىيەدىكى ھەر خىل ساياھەت ئۇسۇللىرىنى تەتقىق قىلىش نەتىجىسىدە، ۋېلىسىپىت مىنىشنىڭ پايدىسى بۇنىڭدىن باشقا يەنە ناچار كەيپىياتنى يوقىتىش ۋە يالغۇزلۇقنى ئازايتىشقا ياردەم بېرىدىغانلىقى كۆرسىتىلدى.

 

تەتقىقاتچىلار 8800 دىن ئارتۇق ئادەم ئۈستىدىن ئاساسىي سوئال قەغىزى ئېلىپ باردى، ئۇلارنىڭ 3500 ى كېيىن يول قاتنىشى ۋە سالامەتلىك توغرىسىدىكى ئاخىرقى سوئال قەغىزىگە قاتناشتى. سوئال قەغىزىدىكى سوئاللار كىشىلەرنىڭ قاتناش ئۇسۇلى، قاتناش ۋاسىتىسىنى ئىشلىتىش قېتىم سانى ۋە ئۇلارنىڭ ئومۇمىي سالامەتلىكىنى باھالاشقا مۇناسىۋەتلىك. سوئال قەغىزىدە كۆرسىتىلگەن قاتناش ۋاسىتىلىرى ماشىنا ھەيدەش، موتسىكلىت مىنىش، ۋېلىسپىت مىنىش، ئېلېكترونلۇق ۋېلىسپىت مىنىش، ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىسىگە چىقىش ۋە پىيادە مېڭىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. روھىي ساغلاملىققا مۇناسىۋەتلىك قىسىم ئاساسلىقى ئەنسىرەش، جىددىيلىك، ھېسسىيات جەھەتتىكى يوقىتىش ۋە سالامەتلىك تۇيغۇسىنىڭ دەرىجىسىگە مەركەزلىشىدۇ.

 

تەتقىقاتچىلارنىڭ تەھلىلىدە، بارلىق ساياھەت ئۇسۇللىرى ئىچىدە، ۋېلىسىپىت مىنىش روھىي ساغلاملىق ئۈچۈن ئەڭ پايدىلىق ئىكەنلىكى، ئۇنىڭدىن قالسا پىيادە مېڭىش ئىكەنلىكى بايقالغان. بۇ ئۇلارنىڭ ئۆزىنى تېخىمۇ ساغلام ۋە جۇشقۇن ھېس قىلىشىغا ياردەم بېرىپلا قالماي، يەنە ئائىلىسى ۋە دوستلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كۈچەيتىدۇ.

 

ھىندىستاننىڭ ئاسىيا خەۋەرلىرى خەلقئارا ئاگېنتلىقى 14-كۈنى تەتقىقاتچىلارنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، بۇنىڭ كۆپ خىل شەھەر قاتناش ئۇسۇللىرىنى ئىشلىتىشنى ساغلاملىققا بولغان تەسىرى ۋە ئىجتىمائىي ئالاقىلەر بىلەن بىرلەشتۈرگەن تۇنجى تەتقىقات ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، قاتناش پەقەت «ھەرىكەتچانلىق» بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ، بەلكى ئاممىۋى ساغلاملىق ۋە خەلقنىڭ بەخت-سائادىتى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك.


ئېلان قىلىنغان ۋاقىت: 2022-يىلى 12-دېكابىر