فرانسىيە ھۆكۈمىتى ئېنېرگىيە تەننەرخىنىڭ ئېشىشىنى ئازايتىش ۋە كاربون قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ ۋېلىسىپىت مىنىشىغا يول قويۇشنى پىلانلىماقتا.
فرانسىيە ھۆكۈمىتى ئېنېرگىيە باھاسى ئۆرلەۋاتقان بىر پەيتتە، ۋېلىسىپىتلىرىنى ئاپتوموبىل بىلەن ئالماشتۇرۇشنى خالايدىغان كىشىلەرگە 4000 ياۋروغىچە ياردەم پۇلى بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ پىلان فرانسىيەنىڭ كاربون قويۇپ بېرىش مىقدارىنى ئازايتىشىمۇ مۆلچەرلەنمەكتە.
فرانسىيە پۇقرالىرى ۋە قانۇنىي ئورۇنلىرى «ئايلىنىش مۇكاپات پۇلى»غا ئىلتىماس قىلالايدۇ، بۇ ئۇلارغا ئېغىر بۇلغىنىش پەيدا قىلىدىغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ۋېلىسپىت، ئېلېكترونلۇق ۋېلىسپىت ياكى يۈك ۋېلىسپىتى بىلەن ئالماشتۇرسا، 4000 ياۋروغىچە ئۆلچەملىك ياردەم پۇلىغا ئېرىشىشكە يول قويىدۇ.
فرانسىيە 2024-يىلغا بارغاندا ھەر كۈنى ۋېلىسىپىت مىنىپ ساياھەت قىلىدىغانلارنىڭ سانىنى ھازىرقى %3 تىن %9 گە يەتكۈزۈشنى پىلانلىماقتا.
فرانسىيە بۇ سىستېمىنى تۇنجى قېتىم 2018-يىلى يولغا قويغان ۋە ياردەم پۇلىنى تەدرىجىي ھالدا 2500 ياۋرودىن 4000 ياۋروغا ئۆستۈرگەن. بۇ ياردەم پۇلى ئىلگىرىكىدەك ئائىلىلەردىكى ماشىنىلارنى ھېسابلىماي، پەقەت ماشىنا سېتىۋالغانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئېلېكترونلۇق ۋېلىسىپىت سېتىۋالماقچى بولغان، ئەمما يەنىلا ماتورلۇق ماشىنا ساقلىغانلار فرانسىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 400 ياۋروغىچە ياردەم پۇلىغا ئېرىشىدۇ.
فرانسىيە ۋېلىسىپىت ئىشلەتكۈچىلىرى بىرلەشمىسى/FUB نىڭ ئولىۋېر شېيدېر مۇنداق دېدى: «كىشىلەر تۇنجى قېتىم مۇھىت مەسىلىلىرىنىڭ ھەل قىلىش چارىسى ماشىنىلارنى يېشىللاشتۇرۇش ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ سانىنى ئازايتىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى». بۇ پىلاننىڭ قىسقا ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىجابىي تەسىرى بارلىقىنى ھېس قىلغان فرانسىيە، نۆۋەتتىكى ئېنېرگىيە كرىزىسىغا تاقابىل تۇرۇشتا ئىمكانىيەتلىك تەرەققىياتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا.
ئېلان قىلىنغان ۋاقىت: 2022-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى
